خىتاي نېپالغا بىر دوختۇرخانا قۇرۇپ بەرمەكچى
2004.09.22
نېپال باش مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى پايتەخت كاتماندودا، خىتاي بۇ يەردە قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان بىر دوختۇرخانىنىڭ ئۇل تېشىنى ياتقۇزدى. ھەمدە بۇنى "خىتاي - نېپال دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولغۇسى" دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىر شېر باھادۇر دۇبا 136 كارىۋاتلىق بۇ دوختۇرخانىنىڭ 2006- يىلدىن بۇرۇن پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2001- يىلى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇ روڭجى نېپالنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە كاتماندودا 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ بۇ دوختۇرخانىنى قۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى نېپالدىكى 80 مىڭ مەمۇرىي خادىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
خىتاينىڭ نېپالدىكى ئەلچىسى سۇن خېپىڭ، نېپالنى "ياخشى دوستىمىز" دەپ تەسۋىرلەپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي بىلەن نېپال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، 2002 - يىلى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغان 3 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيىتى تەرىپىدىن كۈچلۈك ئەيىبلەنگەن ئىدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېغىر جازالىغان ھەتتا ئارىسىدىكى شىرئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغان ئىدى. (پەرىدە)