خىتايدا نېپالغا قورال يۆتكىگەن كىشىلەر قولغا ئېلىندى

خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا نېپالغا قورال - ياراق يۆتكىگەن 10 نەچچە كىشىنى قولغا ئالدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوغىرلىقچە يۆتكەلگەن قوراللارنىڭ نېپالدىكى ماۋ زىدوڭپەرەس پارتىزانلار بىلەن ئالاقىسى بار - يوقلىقى ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەسكەن.

نېپالدىكى ماۋ زىدوڭپەرەس پارتىزانلار ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخشىي قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن . بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نېپالدىكى پارتىزانلارنى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئوغىرلىقچە قورال يۆتكىگەن ئىككى نەپەر نېپاللىق ئەتكەسچىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

نېپال مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلار 12 كىشى بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خىتاي- نېپال چىگىرىسىدا قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دىلو ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن. بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەت راھىبى تەنزىن دېلەك رېنپشوچىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەنزىن دېلەك رېنپوچىنى چېڭدۇدىكى پارتىلتىش ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىپلىگەن. شۇنداقلا ئۇنى 2002 - يىلى 12 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان. (ئەركىن)