خىتايدا 100 مىليون كىشى نېرۋا كېسەللىكىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا

مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا ھەر 13 ئادەمنىڭ بىرى روھىي كېسەلگە گىرىپدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي بۇيىچە 100 مىليون كىشى روھىي كېسەللىكىنىڭ ئازابىدا ياشىماقتا، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي تىببىي پەنلەر جەمئىيىتى نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى جاڭ مىڭيۈەننىڭ ئەسكەرتىشىچە،مەزكۇر جەمئىيەت خىتاينىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بۇ خۇلاسىنى چىقارغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خېبېيدا 18 ياشتىن يۇقىرى24 مىڭ كىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەر 1000 ئادەم ئىچىدە 47.140 كىشىنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. سىچۈەندە 5 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 6.14 پىرسەنتىدە روھىي كېسەللىك بايقالغان. سەندۇڭدا يېزا - كەنت پۇقرالىرىنىڭ 1.6 پىرسەنتى روھىي كېسەل بولۇپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1993 - يىلى مەملىكەت بويىچە 16 مىليون روھىي كېسەللەر بىمارى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياكى بارمىغانلىقىنى ۋە ئېلىپ بارغان بولسا نەتىجىسى قانداق بولغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. خىتاينىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى چېن شياۋخوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا 2005 - يىلى تىببىي خىراجەتنىڭ 20 % روھىي كېسەللەرنى داۋالاشقا كەتكەن. (ئەركىن)