كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى جاۋ زىياڭنى نەزەربەنددىن بوشىتىشقا چاقىردى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەزەربەند ئاستىدىكى سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى نيۇ - يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋ زىياڭغا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. جاۋ زىياڭ 1989 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تيەن ئەنمىن مەيدانىغا كېلىپ، مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ جاۋ زىياڭنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاخىرقى قېتىم چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جاۋ زىياڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جاۋ زىياڭنىڭ بېيجىڭدىكى قورۇسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن جاۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار مەزكۇر جەمئىيەتكە خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋ زىياڭغا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر جاۋ زىياڭنىڭ خىتاي سىياسى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بولمىسىمۇ بىراق، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يەنىلا مۇقىمسىزلىق ئامىلى ھېسابلىنىدىكەن. (ئەركىن)