خىتاينىڭ يېڭى "ئەرزىيەت نىزامى" ئېلان قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن "ئەرزىيەت نىزامى" نى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە، "يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ئەرزدارلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى ئەمەلدارلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ۋە ئەرزلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى" بار دېيىلگەن ھەمدە ئەرزدارلاردىن ئۆچ ئالغان ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بىراق ئەرزىيەت تۈزۈمى، خىتايدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نۇرغۇن كىشىلەر مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قاتارلىق جەمئىيەت مەسىلىلىرى ۋە ئادالەتسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز سۇنسىمۇ، ئەرزلىرىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئەرزدارلارغا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت قوللىنىپ، ئۇلارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭى "ئەرزىيەت نىزامى" شۇنداقلا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنۇشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئارزۇ)