خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس پارتلاش دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2004.10.24

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇس سىياسىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس كۆپىيىش، نوپۇس قېرىش ۋە ئومۇمى نوپۇستىكى كۆپىيىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ چوڭ پارتلاش خاراكتىرلىك دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ، 2020 - يىلىغا بارغاندا 16 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 940 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 65 ٪ نى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئېغىر بېسىمغا يولۇقۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جاڭ ۋېيچىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇ چاغدا قېرىلارنىڭ نوپۇسى ھازىرقى 7 ٪ دىن 11. 8 ٪ گە كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئومۇمى نوپۇستىكى نىسبىتى 23 ٪ ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسىغا ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۈمكىن.

جاڭ ۋېيچىڭ بۇ سۆزلەرنى " نوپۇس ۋە ئىزچىل تەرەققىيات ستىراتىگىيىسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكىتلىگەن. جاڭ ۋېيچىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە خىتاي نوپۇسى يىلىغا 10 مىليوندىن كۆپىيىپ، 2030 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا بىر مىيارد 400 يۈز 60 مىليونغا يېتىدۇ. جاڭ ۋېيچىڭ نوپۇس ساپاسى تۆۋەن بولۇش، كۆچمە نوپۇسنىڭ كۆلىمى زور بولۇش، ئەر - ئاياللار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشى، نامراتلار ناپۇسىنىڭ كۆپىيىشىدەك 5 چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ب د ت نوپۇس فوندى جەمىيىتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى تالىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نوپۇسىدىكى ئەر - ئاياللار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بىراق ئۇ بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ 2050 - يىلغا بارغاندا نورماللىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتايدا ھازىر ھەر 117 ئەر كىشىگە 100 ئايال توغرا كېلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.