خىتاي قىسمەن ئۆلكىلەردە نوپۇس سىياسىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

‎ خىتاي ھۆكۈمىتى قىسمەن ئۆلكىلەردە، كىشلەرنى شەھەر ۋە يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىش سىياسىتىنى ‎تەدرىجىي ھالدا بىكار قىلىپ، شەھەردىكى ئىشلەمچى دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى ‎قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ‎

‎ رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقى بۇ ‎سىياسەتنى ئالدى بىلەن ئىشلەمچىلەرگە جىددىي ئىھتىياجلىق بولغان گۇئاڭدۇڭ ۋە لىياۋنىڭ، ‎فۇجىيەن قاتارلىق 11 ئۆلكىدە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىك ‎مىنىستىرلىقى بۇ پىلاننىڭ كونكىرت قاچان ئەمەللىشىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ‎

‎ خىتاينىڭ نوپۇس تۈزۈلمىسى، شەھەرگە كىرىپ جان بېقىۋاتقان نەچچە ئون مىليونلىغان ‎دېھقانلارنى داۋالىنىش، مائارىپ ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقىغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ‎قىلماقتا. ‎

‎ تۆت يىل ئاۋال خېنەننىڭ جىڭجۇ شەھىرىدىمۇ نوپۇسنىڭ يۆتكلىشىگە بولغان قىسمەن ‎چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىپ باققان. ئەمما شەھەردىكى قاتناش، مائارىپ ۋە ساقلىقنى ساقلاش ‎تارماقلىرىغا بولغان بېسىم ئارتىپ، شەھەردىكى جىنايەت سادىر بولۇش نىسپىتى تېز ئاشقانلىقتىن، ‎بۇ سىياسەت كىيىن بىكار قىلىنغان ئىدى.‎

‎ خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، بېيجىڭ بۇ سىياسەت يۈرگۈزۈلىدىغان دائىرىگە كىرمەيدىكەن. ‎بېيجىڭدىكى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ ‎ھېچقايسى چوڭ شەھەرلىرى زور تۈركۈمدىكى ئاققۇنلارنىڭ كېلىشىگە تەييارلىقى يوق ئىكەن. ‎شوڭا بىر قىسىم دائىرىلەر، خىتاينىڭ بۇ پىلاننى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئىجدىمائىي ‎مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)‎