خىتاي نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتىغا جەڭ ئېلان قىلىنماقتا


2006-11-09
Share

يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا نوپۇس تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسى مەزكۈر دۆلەتكە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي دۇنيا بۇيىچە، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. گەرچە 1970 ‏- يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنى كونترول قىلغان ،بىراق ئاھالىنىڭ كۆپىيىش تەرەققىياتى بىلەن جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق بىر - بىرىگە ماس كېلەلمىگەن.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ، 13مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5 دىن 1 ىنى ئىگىلەيدىغان خىتاينىڭ ، ئۇزۇن يىل پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ، بىر تەرەپتىن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا بىر قەدەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپلىكى مەسىلىسى خىتايغا ھەر خىل بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خەلقئارا نوپۇس تەتقىقاتى يىغىنىدا يەنە، خىتايدا ئاھالە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى بولۇپمۇ چەت رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئەر - ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.