يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا نوپۇس تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسى مەزكۈر دۆلەتكە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي دۇنيا بۇيىچە، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. گەرچە 1970 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنى كونترول قىلغان ،بىراق ئاھالىنىڭ كۆپىيىش تەرەققىياتى بىلەن جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق بىر - بىرىگە ماس كېلەلمىگەن.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ، 13مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5 دىن 1 ىنى ئىگىلەيدىغان خىتاينىڭ ، ئۇزۇن يىل پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ، بىر تەرەپتىن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا بىر قەدەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپلىكى مەسىلىسى خىتايغا ھەر خىل بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خەلقئارا نوپۇس تەتقىقاتى يىغىنىدا يەنە، خىتايدا ئاھالە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى بولۇپمۇ چەت رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئەر - ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)