خىتاي دۇنيا بويىچە نوپۇسىنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى
2006.12.13
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى 12 - دېكابىر كۈنى ياشانغانلار مۇلازىمىتى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر "نۇپۇس قېرىلىقى" مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە پۈتۈن نۇپۇس ئىچىدە ياشانغانلار ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. ھازىر خىتايدا يېشى 60 تىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ سانى 144 مىليون، پۈتۈن ئاسىيادىكى ياشانغانلار سانىنىڭ يېرىمىنى، پۈتۈن يەر شارىدىكى ياشانغانلار سانىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايدىكى ياشانغان نوپۇسنىڭ 60% ئى يېزىلاردا.
خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە نۇپۇس بېشىغا توغرى كېلىدىغان ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى 5000 ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتايدا نۇپۇس بېشىغا توغرى كېلىدىغان ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى ئەمدى تېخى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. بۇ سېلىشتۇرمىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. خىتايدا ھازىر كىشىلەر يېتەرلىك بايلىق توپلاپ بولغىچە بالدۇرلا قېرىپ كېتىئىۋاتقان ئەھۋال ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ. (ۋەلى)