خىتاي نوپۇس كۆپىيىشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ 2033-يىلى بىر مىليارد 500 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىساد، مۇھىت ۋە تەبئىي بايلىققا ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، بۇ دېگەنلىك كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى، ئەر - ئاياللار نوپۇسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقى شۇنداقلا ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەنلىكتۇر، دەيدۇ.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا 15ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان خىزمەت يېشىدىكى نوپۇس 2016 - يىلى بىر مىليارد 10 مىليونغا يېتىپ، خىتايدا خىزمەت تېپىش، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت ساھەسىدە زور مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ياشانغانلارنىڭ سانى ھازىرقى 143 مىليوندىن 2040 - يىلى430 مىليونغا يېتىپ، دۆلەتنىڭ پىنسىيە ۋە ئىجتىمائىي سالامەتلىك سېستىمىسى ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي مەملىكەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتتا، 2020 - يىلغىچە خىتايدا توي قېلىش يېشىدىكى 30 مىليون ياشنىڭ خوتۇن تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋال خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا 2005 -يىلى ھەر 100 قىز بوۋاققا 118نەپەر ئوغۇل بوۋاق توغرا كەلگەن. گۇاڭدوڭغا ئوخشاش بەزى جايلاردا بولسا ھەر 100 قىز بوۋاققا 130 ئوغۇل بوۋاق توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا خىتاي نوپۇسىنى 2020 - يىلغىچە بىر مىليارد 450 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىش، 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىنى 2010 -يىلغىچە ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش شۇنداقلا يېزا - كەنتلەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان. (ئەركىن)