خىتاي كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن


2008.01.24

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، كىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن. خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى نوپۇس تۈزۈمىنى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەر، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى يېزا - كەنتلەر بىلەن شەھەرلەر ئارىسىدىكى پەرقنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن يەنە بىر جەھەتتە بۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى «جۇڭگو گېزىتى»نىڭ بىر خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە نوپۇس تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، بۇنىڭ ئورنىغا بازار ئىقتىسادىنىڭ تەلىپىگە يارىشا بىر تۈزۈمنى يولغا قويۇش يەنى يېزا -شەھەر نوپۇسى، دەپ ئايرىماي پۇقرالار كىملىك بىلەن خالىغان يەرگە كۆچەلەيدىغان ۋە ئولتۇراقلىشالايدىغان بىر تۈزۈمنى دەسسىتىش تەكلىپى بەرگەن.

خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ما لىچياڭ، ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا شەھەر - يېزىلارنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ نۇرغۇن فونكىتسىيىلىرى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، 2020 ‏- يىلدىن بۇرۇن خىتاي دېھقانلىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋە ئەركىن كۆچۈش ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەكلىپىگە قارشى چىققان بولۇپ، جۇڭگو گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ج خ مىنىستىرلىقى نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش جەمئىيەت ئامانلىقىغا پايدىسىز، دەپ قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 1 مىليارد 3 يۈز مىليون خىتاي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 10 % ى كۆچمە نوپۇس بولۇپ، ئۇلار يېزا - كەنتلەر ۋە ئىقتىسادى نامرات رايونلاردىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەرلەردە ياكى سودا - سانائەت مەركەزلىرىدە جان بېقىۋاتقان ئاققۇنلاردۇر. خىتاي تۇغۇت پىلانلاش كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا خىتايدىكى ئاققۇن نوپۇسنىڭ سانى 1973 ‏- يىلى 70 مىليون بولغان بولسا، بۇ سان 2003 ‏- يىلى 140 مىليونغا كۆپەيگەن.

«نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»

نوپۇس تۈزۈمى خىتايدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. نوپۇس ئىسلاھاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارشى بىردەك ئەمەس. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاققۇنلارنى ئۇيغۇر ئىلىگە جەلپ قىلىش سىياسىتىنى كۆزدە تۇتقاندا نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ.

بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس قاھار بارات رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتتى.

« يېزا - كەنت پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن كۆچۈشى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى »

لېكىن نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېزا - كەنت پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن كۆچۈش ھوقۇقى ئەسلى بىر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. بۇ قاراشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، نوپۇس تۈزۈمى ئۆتكەنكى 50 - 60 يىلدا ئاققۇنلارنىڭ سالامەتلىك، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى نوپۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سەي فاڭ، ب ب س غا بەرگەن باياناتىدا نوپۇس تۈزۈمىنى بىكارقىلىش جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش خىتايدا بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يارىتىشى مۇمكىن. ئۇ، « يېزا- شەھەر ۋە رايونلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، بولۇپمۇ مائارىپ، داۋالىنىش، پىنسىيە سۇغۇرتىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن مائاش چېكى قاتارلىقلاردا زور پەرقلەر مەۋجۈت. شۇڭا ئەگەر سىز بۈگۈن نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئەركىن كۆچۈشنى يولغا قويسىڭىز ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى تۆۋەن رايونلاردىكى نوپۇس ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى يۇقىرى رايونلارغا كۆچۈشى تەبىئىي. بۇ ناھايىتى زور بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن » دەپ تەكىتلەيدۇ. سەي فاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاشنىڭ يولى شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى پەرقنى قىسقارتىش بولۇپمۇ مائارىپ، خىزمەت پۇرسىتى ۋە داۋالىنىش جەھەتتىكى پەرقنى ئازايتىشتۇر.

« نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا ئۇيغۇر ئىلىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ »

لېكىن ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، نوپۇس تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە پايدىسىز بولسىمۇ، لېكىن يېزا - كەنتلەردە بېكىنمە ھالەتتىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە كۆچۈش ۋە ئاكتىپ ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىشىغا پايدىسىز ئەمەس. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا ئۇيغۇر ئىلىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر ئېقىمى يۆلۈنىشىنى دېڭىز بويىدىكى رايۇنلار ۋە چوڭ سودا - سانائەت شەھەرلىرىگە قارىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇس بېسىمىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ رايونلارنىڭ مائاش ۋە ئەمگەك شارائىتى ئۇيغۇر ئىلىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى. ئەمما ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس دوكتور قاھار بارات بۇ قاراشنى رەت قىلىدۇ. نوپۇس تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى تۇرغۇچىلار ، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا بۇ چوڭ شەھەرلەر ياكى ئىقتىسادى گۈللەنگەن رايونلارنىڭ قاتناش، مائارىپ، داۋالىنىش ساھەسىدىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئۈيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئاخىرقى مەزگىللەردە كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەن شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ بېسىمى بۇ شەھەردە ئۆي باھاسىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش ئالاھىدە شەھەرلەرگە قارىغاندا ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بۇ يەنە ھەر يىلى ئوقۇش باشلاش مەۋسۈمىدە ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ، پارتا - ئورۇندۇقلار يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.