ئەر-ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خىتايغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم ئامىل


2007.01.11

خىتاي پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزگەندىن بۇيان 100 مىليون قىز بوۋاق تۇغۇلغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئەر- ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي نوپۇس تەتقىقات ئىستراتېگىيە پروگراممىسى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئەر ‏- ئايال نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، 2005 ‏- يىلىدىن كېيىن، خىتايدا توي يېشىغا يەتكەن ئەرلەر سانى ئاياللاردىن ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، 2020 ‏- يىلىغا بارغاندا، 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا ئاياللاردىن 30 مىليون ئەر كىشى كۆپ بولىدىكەن .

خىتاي نوپۇس تەتقىقات ئىستراتېگىيە پروگراممىسىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتايدا كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە، 200 مىليون ئادەم كۆپىيىپ، 2010 ‏- يىلى خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 360 مىليونغا ، 2020 ‏- يىلى 1 ملىيارد 45 مىليونغا ، 2033 ‏- يىلى خىتايدا نوپۇس ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ 1 مىليارد 400 مىليونغا يېتىدىكەن.

مەزكۈر تەشكىلات، 2004 ‏- يىلى 2 ‏- ئايدىن 2006 ‏- يىلى 4 ‏- ئايغىچە خىتاينىڭ نوپۇس تەرەققىياتى، نوپۇس بىلەن ئىقتىسادى، جەمئىيەت، ئېنېرگىيە، مۇھىت مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇقىرىقى دوكلاتنى ھازىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا مەۋجۈت بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىغان ئەر - ئاياللىق نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خىتايغا ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.