نۇر بەكرى چاغان بايرىمى كېلىش بىلەن تەڭ خىتاي ئارمىيىسىنى ۋە تۆھپىكارلارنى ھېيتلاش بىلەن ئالدىراش


2008.02.06

'تەبىئەت ئۈستىدىن بىز غالىب'، 'ئىلاھ ئۈستىدىن بىز غالىب' دەۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارى بۇ قېتىمقى تەبىئى ئاپەت جەريانىدا سىنالدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا، ھەتتا ئادەتتە قار يېغىپ باقمايدىغان جايلاردىمۇ، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك قار ئاپىتى كۆرۈلگەن ئىدى.بۇ جەرياندا خىتايدا قاتناش پالەچ بولدى. بۈگۈن چاغان بايرىمىنىڭ ھارپىسى بولغان كۈندىمۇ، مىلليونلىغان خىتاي ھەر يىلى بىر قېتىم ئائىلە بۇيىچە جەم بولۇش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي سەپەر ئۈستىدە ئاۋارە. نۇرغۇن جايلاردا چاغان بايرىمى ئېلېكتىر قۇۋىتى بولمىغان ھالدا ئۆتمەكتە. خەلقنى تەبىئى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە ئامالسىز قېلىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرى قاتناش تۈگۈنلىرىگە، ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەن، نۇر بەكرىلەر چاغان كېلىش بىلەن تەڭ دەرھال خىتاي ئارمىيىىسنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنى، ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ۋە 'خىتايچە سوتسىالىزم' قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پىشقەدەم ئەمەلدارلارنى ھېيتلاش - مەدھىيىلەش بىلەن ئالدىراش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.