خىتاي ئۆكتىچىسى ئۇزۇن يىل نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى

‎ باش شتابى نيويوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ‎بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچى ۋاڭ ۋەنشىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 13 يىل ‎نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن. ‎

‎ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ ۋەنشىڭ بۇ يىل 8 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن ‎كېيىن، دەرھال گېرمانىيىگە يولغا سېلىنىپ، گېرمانىيىدىكى ئايال بالىلىرى بىلەن جەم بولغان. ‎ۋاڭ ۋەنشىڭ 1992 - يىلى "4 - ئىيون تيەنئەنمىن ۋەقەسى" نىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەپ ‎نامايىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان. ‎

‎ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ ۋەنشىڭ ئۆزىنىڭ ‎نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا تۈرلۈك قىيىن- قىستاققا ئېلىنغانلىقى، ھەمدە ‎باشقىلارنىڭمۇ ھەر خىل خورلاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ‎

‎ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تېخى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ‎مەلۇماتلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ‎ھۆكۈمىتى ۋاڭ ۋەنشىڭنى ،ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋە قىيىن- ‎قىستاققا ئېلىشقا قارشى خادىمىنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بەرگەن. (ئارزۇ)‎