
خىتاي ھۆكۈمىتى 2001- يىلى ئولىمپىك ساھىبخانىلىقنى تالىشىش جەريانىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتلەردە ۋەدىلەرنى بەرگەن ھەمدە بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئۆلچىمىگە يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، مانا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا نەچچە ئايلا قالغان كۈنلەردە، نە بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە ، نە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقتا ياخشىلىنىش بولغىنى يوق.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: " ئولىمپىككە ساھىبخان بولغۇچىلار جىم بولىۋېلىپ ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى يەرگە ئۇردى"
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش شتابى پارىژغا جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2001- يىلى ئولىمپىك ساھىبخانىلىقىنى ئېلىش ئالدىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، خىتايدا بۇ جەھەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن بۇ ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، ھازىر خىتايدا 80 نەپەر مۇخبىر ۋە توردا ماقال ئېلان قىلغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 1980- يىللىرىدىن بۇيان قامالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچە مىڭ تور بېكەتلىرىنى تاقاپ، تورغا چىققۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە 2007- يىلىدا 180 چەتئەل مۇخبىرنىڭ خىتايدا ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا، تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەتتا سولاققا چۈشۈپ قالغانلىقى كۆرسىتىلىپ: " مانا مۇشۇ پەيتلەردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئولىمپىككە ساھىبخان بولغۇچىلار جىم بولىۋېلىپ ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى يەرگە ئۇردى" دەپ كۆرسىتىلدى.
رىچاردسون خانىم :" خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ساقلىمىدى"
خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايرىپ قويۇپ، نۇرغۇن يازغۇچى ، مۇخبىرلارنى تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر يازغۇچى ئۇيغۇر ئىلىدىن بولغان، ئەسقەر ھۆسەيىن، نۇرمۇھەممەت ياسىن، توختى مۇزات قاتارلىقلار.
بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا: " ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە بېيجىڭ ئاقلايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغاندەك ئەمەس. ئەكسىچە، بىز ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتنى كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا قىستىغان پۇقرالارنى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇۋاتقانلىقىغا ۋە جىمىقتۇرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز " دېدى .
ھاۋا بۇلغىنىشى مەسىلىسى تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى خىتايدىكى ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى تۈپەيلى ياپونىيە ، كورىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە مەشىق بازىسى قۇرۇپ، خىتايغا يېقىنمۇ كەلمىگەن. ھەتتا ھازىر تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا تەييارلىق جەريانىدا ماسكا تاقاپ يۈرۈش پىلانىمۇ مەيداندا كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئاسمىنى تۇمانلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ھاۋا تەركىبىدىكى قارا كۈيە، كاربون چالا ئوكسىد، گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىد، نىتروگېن قاتارلىق خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددىلىرىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا تەركىبىدىكى بۇ ماددىلارنى ھازىر تازىلاش بېيجىڭ داىرىلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ھاىلې گېبرسېلاسسىې:" ئەگەر ئۇ يەردە مەسىلە ئېغىر بولسا، ئەلۋەتتە بارمىغان ياخشى"
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتايلار ئولىمپىك جەريانىدا زاۋۇتلارنى تاقاپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ئىشتىن توختىتىپ، بىر مىليوندەك ماشىنىنى قاتناشتىن توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرى يەنىلا بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرەلمىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش چېمپىيونى ھاىلې گېبرسېلاسسىې ئۆز سالامەتلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: " ئەگەر ئۇ يەردە مەسىلە ئېغىر بولسا، ئەلۋەتتە بارمىغان ياخشى. مېنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغىنىم ياشاش ۋە سالامەتلىكىمنى ئاسراش" دېگەن ۋە بەلكىم بۇ يىللىق ئولىمپىككە بارماسلىقى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، بەش ئاي ئىلگىرى بېيجىڭدا تېننىس توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا زىققا كېسىلى ئەدەپ كەتكەن چېمپىيون جۇستىن ھېنىنمۇ بۇ يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ، خىتاينى بۇ جەھەتلەردە تېزرەك چارە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكۇس روگگې ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى تۈپەيلى بەزى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بېيجىڭ ئاھالىسى يەنىلا ساپاسىز
خىتاي ئولىمپىك يېتىپ كېلىشتىن يولۇقىدىغان يەنە بىر مەسىلە بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساپاسىزلىقى مەسىلىسى بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىزمەت ئىشلىگەچكە بېيجىڭلىقلاردا كەلگەن يەرلەرگە تۈكۈرۈش ئادىتى ئازايغان، ئۆچىرەت ۋە تەرتىپلەرنى چەكلىك دائىرىدە ساقلايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن بولسىمۇ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ خەلقى ئولىمپىك ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆز قىلىقلىرىنى يەنە كۆپ جەھەتلەردە ياخشىلىمىسا بولمايدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەر ئاينىڭ 11- كۈنى " ئاكتىپ ھالدا ئۆچىرەتتە تۇرۇش كۈنى " قىلىپ بەلگىلەپ، كىشىلەرگە يۈرۈش - تۇرۇش ئۆلچەملىرىنى ئۆگىتىدىغان نەچچە مىليون پارچە ئوقۇشلۇق تارقاتقان.
يېقىندا خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە بېيجىڭلىقلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تۈكۈرۈش ئادىتى بۇرۇنقى 4.9 پىرسەنتتىن 2.5 پىرسەنتكە چۈشكەن بولسىمۇ، بېيجىڭلىقلارنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى 73.4 پوئىنت بولۇپ، 80 پوئىنتلىق ئولىمپىك ئۆلچىمىگە توشمىغان.
خىتاي ئۆز دۆلەت كۈچىنى ئولىمپىك كۆزنىكى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايان قىلماقچى
گەرچە خىتاي ئوز دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن 40 مىليارد دوللار پۇل سەرپ قىلغان، ئۆز خەلقىنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، " ئېسىل سۈپەتلىك ھەم ساپالىق" خىتاي پۇقرالىرىنى يارىتىپ چىقىپ، خىتاينىڭ نەقەدەر مەدەنىيەتلىك ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئولىمپىك كۆزنىكى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايان قىلىش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ سىستېمىلىق يوسۇندا دەپسەندە قىلىشى، بېيجىڭنىڭ بۇلغانغان ھاۋاسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە قوغداپ، ھەربىي جەھەتتە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرۇۋاتقان تەرەپلەر بولۇپ، بۇلارمۇ بۇ يىل ئاۋغۇستتا خىتايغا بارىدىغان 30 مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىر، نەچچە مىڭلىغان تەنھەرىكەتچى ۋە ساياھەتچىلەر بەكرەك دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر.