بېيجىڭ، ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانىلىقىغا لايىق ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەندى


2004.09.07

ئەنگىلىيە "سەھىيە" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جونسېن، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 2008 - يىلى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى .

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، گېرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادا ئۆتكۈزىلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى قوبۇل قىلىپ 24 سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا، خىتاي بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھەركەتلەردە بولغان .

بىر ھەپتە بۇرۇن، تىبەتلىكلەرنىڭ ھەركىتىنى ياقلىغۇچى، خەلقئارا پائالىيەتچىلەر بېيجىڭدا نارازىلىق ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنڭ ساھىپخانلىقىغا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى . بۇ پائالىيەتنى زىيارەت قىلغان مۇخبىر جونسېن، خىتاي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان ھەمدە قانۇنسىز زىيارەت ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىپلەنگەن، بۇ ئارىدا فىللاندىيىلىك يەنە بىر مۇخبىرمۇ قوپاللىققا ئۇچىرىغان، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ رەسىم ئاپارات ۋە بانكا كارتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان .

مۇخبىر جونسېن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، خىتايدا بۇ خىل قاتتىق كونتۇرۇللۇق ئاستىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.