ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى


2005.07.20

خىتاي ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئىككى كىشى لى شىبو ۋە جاڭ گوچىڭلار بولۇپ، لى شىبونىڭ ئايالى مەزكۇر ئاگېنتلىققا، چارشەنبە كۈنى 10 دەك ساقچىنىڭ دېھقانلار ئىككى ئايدىن بېرى نامايىش قىلىۋاتقان جايغا كېلىپ، بۇ ئىككى كىشىنى باشتا رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لىنىڭ ئايالى جىڭ چيۇۋېن يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قەيەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپالمىغانلىقىنى، گەرچە ئەتراپتىكى بىر قانچە ساقچىخانىلارغا تېلېفون ئېچىپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ شەھەر ئىچىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يېزىدىكى مىڭغا يېقىن دېھقان بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرىۋەتكەنلىكىگە نارازى بولغان ھەمدە ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ دېھقانلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سۇ تەنتەربىيىسى ئۈچۈن قۇرۇلۇش سالىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ جايلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا شەخسلەرگە ھېچنېمە بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئولىمپىك مەيدانى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن يەر ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋج ئالدى. شۇنداقلا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ، يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۈندەيدىغان خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خەلققە زىيان سالغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ھەققىدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.