بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇشى باش قارارگاھىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى جىن يەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىن يەن بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شيامېندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈلمىگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەر ئەرباپلار جىن يەننىڭ تەكشۈرۈلۈشى ليۇ جىخۇانىڭ خىيانەتچىلىك دىلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ليۇ جىخۇانى پارتىيە ئىچى سىياسى كۈرەشنىڭ قۇربانى، دەپ قارىماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ پەرىزى توغرا بولسا ليۇ جىخۇا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى كۈرەشنىڭ بىردىن بىر قۇربانى ئەمەس.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن "پەۋقۇللادە يېقىن مۇناسىۋتى بار"، دەپ قارالغان ۋە ئۇنىڭ ئىزچىل "ماختىشىغا سازاۋەر" بولۇپ كەلگەن ئامان ھاجىنى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، پەرەز قىلىشماقتا ئىدى.
ئامان ھاجىنىڭ كانادادا ياشايدىغان ئىنىسى ئىلشات ھاجى بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈكى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە دەرھال كۆمۈۋېتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
ئىگىللىشىمىزچە، ليۇ جىخۇا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەشھۇر يەر - مۈلك سودىگىرى ۋە شاۋچۇئاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ شاۋگۇئاڭ مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. (ئەركىن)