خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن بۇ شەھەردە ياشايدىغان 500 مىڭدەك ياقا يۇرتلۇق ئاققۇننى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىدىكەن.
" بېيجىڭ گېزىتى" ئاققۇنلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تازىلىق پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ پىلاننىڭ پاھىشىلەر، نامراتلار، ماكانسىزلار ۋە نىرۋىسىدىن ئاداشقان كىشىلەرگە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" بېيجىڭ گېزىتى" خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "بۇ كىشىلەر ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلىشى كېرەك،" دەيدۇ. لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاققۇنلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە 4 مىليون ئاققۇن ياشايدىكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر مىليونى قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەيدىكەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاجىز كىشىلەرنى چەتكە قېقىش ئولىمپىك يىغىنىنىڭ روھىغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)