خەلقئارالىق روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئورگىنى 10 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىردىن باشلاپ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلىشنى چەكلەش جەھەتتە تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن 2008 - يىللىق بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە دورا ئىشلىتىشنى توسۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ ، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۈر ئورگاننىڭ رەئىسى دېك پوئۇند بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى جەريانىدا يۈز بەرگەن ئەنشەن يېنىك ئاتلىتكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوللىكتىپ ھالدا روھلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەنى مىسالغا ئېلىپ " خىتايدا روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستىمال قىلىشنى چەكلەش جەھەتتە ئىشلەشكە تىگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر بار " دەپ ئەسكەرتتى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چەكلەنگەن دورىلارنى تەكشۈرۈش ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش يوللىرىنى توسۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈشكە كەلگەن كانادالىق سابىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان دېك يەنىلا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇشى لازىملىقىنى، بولمىسا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)