خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بېرىدىغان زىيارەت ئەركىنلىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ ھەر قايسى رايونلىرىنى رۇخسەتسىز ساياھەت قىلىش ۋە ئاۋام پۇقرالارنى زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەتكە قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ 1990 - يىللاردىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاخبارات بەلگىلىمىسىدە چەتئەللىك مۇخبىرلار بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھىرىدىن باشقا جايلارنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، يېڭى بەلگىلىمىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشقا ھاجىتى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ليۇ جيەنچاۋ بۇ بەلگىلىمە نېمە ئۈچۈن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن يولغا قويۇلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسى 2008- يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە يولغا قويۇلماقچى. ئاخبارات ئەركىنلىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈدىغان ساھىپخان دۆلەت چوقۇم ھازىرلىشىغا كېرەكلىك بولغان ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)