بېيجىڭ ساقچى ئىدارىسى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چەتئەل بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە يېڭى بىر بۆلۈم قۇردى.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چاڭ ۋىي دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 20 ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تۈرلۈك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئوخشاش چوڭ تەنھەرىكەت يىغىنلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە خەلقئارا تېررورچىلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تىنچ بىر دۇنيا ئەمەسلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم. مۇشۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىز ھەرقانداق تەھدىتنى يوقىتىدىغان تەدبىرلەرنى ئالىمىز، دېگەن.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى تىنچ ئۆتكۈزۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نىشانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بېيجىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چاڭ ۋىي، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلاشماي بۇ نىشانغا يېتىش مۇمكىن ئەمەس، دېدى.
ئۇ 2007 - يىلىدىكى تەييارلىقلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ يىل 26- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولۇپ- بولمىغانلىقىنى باھالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېگەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ھەپتە پامىر ئىگىزلىكىدە بىر تېررورلۇق لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 18 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن بۇ مەسىلىگە تارتىشقا تىرىشتى.
لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە. (قانات)