خىتاي دائىلىرى 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ بېلەتلىرىنى سېتىشنى باشلىدى.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت تەشكىلىي كومىتېتى يەتتە مىليوندىن ئارتۇق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈش بېلىتىنى خىتاي ۋە خەلقئارا مىقيادا سېتىشنى 15-ئاپرىلدىن ئېتىبارەن باشلىغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بېلەت باھاسى 30 يۈەندىن بەش مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ساختا بېلەت ۋە باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن بېلەت زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى سوراشنى قارار قىلغان.
خەۋەردىن قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتەتى بېلەتلەرنى ھەر قايسى جايلاردىكى تورلار، ئولىمپىك كومېتىتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى، 75% بېلەتنىڭ خىتاينىڭ ئىچىگە، 25 % بېلەتنىڭ خىتاينىڭ تېشىغا سېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قولغا كەلتۈرۈش خىتاي ئۈچۈن زور پەخىرلىنىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ تەييارلىقىغا 50 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغانلىقى خىتاي ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلغان. شۇڭا، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چىقىملارنى تولدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ئامالىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)