خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
2007.05.18
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېيچى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە سۇدان مەسىلىسىدىكى سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.
ياڭ جېيچى جۈمە كۈنى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارگارېت بېككېت خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە، 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياڭ، مارگارېت بېررېت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى سۇداننىڭ دارفۇر رايونى ۋە باشقا مەسىلىلەر بىلەن باغلىماقچى بولۇش، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر، دەپ تەنقىدلىگەن.
ياڭ جېيچى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۇداندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ۋە مەسىلىنى تىنچ، سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە خاتىمە بېرىش چاقىرىقى بارغانچە كۈچەيمەكتە.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئەگەر خىتاي سۇدان مەسىلىسىدە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى " ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭدىن سىرت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر، تىبەت، دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئۆكتىچى زاتلار باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېلەتلىرىنى سېتىشنى باشلىدى
- خىتاي يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى
- ئولىمپىكنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتايدا يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى
- بېيجىڭ، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى
- خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بېرىدىغان زىيارەت ئەركىنلىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ