بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇۋاتقان تىكتاك توپ زالىغا ئوت كەتتى


2007.07.02

2 ‏- ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇپ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان تىكتاك توپ مەيدانىغا ئوت كەتتى. ئەمما گۇۋاھچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپەتتىن زەخمە يىگۈچىلەر ۋە ياكى ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيداندىن كۆتۈرۈلگەن ئوت يالقۇنى ۋە قويۇق ئىس-تۈتەكلەر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر بىنانىڭ ئۆگزىسىنى بىر ئالغان. بىنانىڭ غەربىي بۇلۇڭى ئىستا قارىداپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

كۆلىمى 26 مىڭ 900 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى 2005- يىلى سېنتەبىردە باشلانغان بولۇپ، كېلەر ئايدا پۈتۈشى پىلانلانغان ۋە مۇشۇ يىلى دېكابىردا ئولىمپىكنىڭ سىناق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باياناتچىسى: "بىز 12- ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان سىناق پائالىيىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنى كۈتمەيمىز" دەيدۇ . مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلۇۋاتقان تىكتاك توپ مەيدانىغا 8 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن.

كېلەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنى، 2008- يىلى ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ . ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئولىمپىككە ساھىبخان بولۇش سالاھىيىتى يوق دەپ قاراپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا قىستاپ كەلگەن ۋە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.