ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان ئۇچۇرلارغا توسقۇنلۇق قىلىنماسلىقى كېرەك
2008.04.02
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پىشقەدەم يېتەكچىسى كېۋىن گوسپېر 'بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان تېلېۋىزىيە، رادىئو ئۇچۇرلىرى ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى ۋە ئىنتېرنېت توسۇلماسلىقى كېرەك' دەپ تەكىتلىدى. گوسپېر ئەپەندى بۇ سۆزنى ئولىمپىكنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
گوسپېر ئەپەندى سۆزىدە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان ئۇچۇرلارغا چات كېرىۋېلىپ، نەق مەيداندىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇت كېچىكتۈرۈپ، كېسىدىغاننى كېسىپ ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئولىمپىك كومىتېتى ئۇچۇر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۇن ۋېيجا ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر پۈتۈن دۇنياغا مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە دەخل-تەرۇز قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى قايتا ئەسكەرتكەندىن كېيىن، 'خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ ئولىمپىكنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يوللاش سېستىمىسىدا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق رول ئوينىمايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك' دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تىبەتلەر 'پىدائىي تەشكىللەۋاتىدۇ' دېگەن سۆزىنىڭ ئىسپاتىنى ئاشكارىلىمىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە
- ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
- دالاي لاما : خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتكە تەييارمەن
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي باش مىنستىرى ۋىن جىياباۋ، دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەمچى بولۇش بىلەن ئەيىپلەندى
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى پارتلىتىش، دەپ ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى









