نەنسى پېلوسى، پرېزىدېنت بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى


2008.04.01

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا چاقىردى.

نەنسى پېلوسى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئى ب س تېلېۋىزىيىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلانغان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى، ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە دەپ قارايمەن" دېگەن.

دېموكرات پارتىيىسى ئەزاسى بولغان نەنسى پېلوسى، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا، دارامسالا شەھىرىگە بېرىپ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش، خەلقئارا جامائەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى بېسىمىغا قارىماي، مەزكۇر مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى پىلانلىماقتا.

لېكىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بولسا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بىشارىتىنى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، جياڭ يۈ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغان دۆلەتلەر، ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. دەپ كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.