خىتاي ئارمىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ
2007.06.29
خىتاي دائىرىلىرى ئالاھىدە ھەربىي خىزمەت قىسىمى قۇرۇپ، 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئالاھىدە ھەربىي خىزمەت قىسىمى، قوراللىق ساقچىلار ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا تېررورچى ۋەقەلەر ياكى تاسادىپىي ھادىسىلەر يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشماقچى ئىكەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئامانلىقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تيەن يىشياڭ، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك ھەربىي دىپلوماتلارغا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇرەككەپ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئالاھىدە ھەربىي خىزمەت قىسىمىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قىسىم تېررورچىلارنىڭ غەيرىي ئەنئەنىۋى قوراللىرىنىڭ بولۇپمۇ يادرو ۋە خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە ھاۋا، دېڭىز ۋە مۇسابىقە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلار بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭ، تيەنجىن، ئىچكى موڭغۇل ۋە سەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئولىمپىك مۇسابىقىسى " تېررورچىلار"نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ھەربىي قىسىملارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاس كۈچىنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېلەتلىرىنى سېتىشنى باشلىدى
- خىتاي يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى