خىتاي ئۆكتىچىىسى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى


2007.09.21

مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىدىن ئائىلىسىدە نەزەربەنت ئاستىدىكى ئادۋوكات گاۋ جىشىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە دۇنيادىكى لۈكچەك ھاكىمىيەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گاۋنىڭ خېتى 13 - سېنتەبىر كۈنى يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەتنىڭ مەزمۇنى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلىندى.

گاۋ جىشىڭ خەتتە،" ئولىمپىك يىغىنىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرىدىغان پۇقرالار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئولىمپىك قانلىق ئولىمپىكتۇر، مېيىپ ئولىمپىكتۇر " دەيدۇ. گاۋ جىشىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتايدىن تېلېفون قىلىپ سۆزلىمەكچى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتالمىدى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى دەيۋىد كىلگورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گاۋ جىشىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى روس - لېتىنەن خانىم، " بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئولىمپىكنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ قارىماي،، خىتاي خەلقىنى باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ پۇرسىتى ھېسابلىماقتا،" دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، "بېيجىڭ ھاكىمىيىتى پەقەتلا تەشۋىقات غەلىبىسىگە ئېرىشمەكچى، لېكىن بىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك ۋە شەرت. "

ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد مىكمىللان - سكوت، پۈتۈن دۆلەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك، چۈنكى خىتاي دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللاۋاتقان ۋە تىبەتلىك بۇددىستلار، ئۇيغۇرلار، ئاخباراتچىلار ۋە گاۋ جىشىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.