خىتاي، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئەل يېقىش مۇراسىمىدىكى پاراكەندىچىلىكنى ئەيىبلىدى


2008.03.25

خىتاي ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادىكى ئولىمپىيە تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2008‏ - يىللىقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى نومۇسسىز بىر ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىدى.

دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر مۇراسىم جەريانىدا، قوللىرىدا بەش چەمبەرلىك ئولىمپىك گرىبىنىڭ ئورنىغا بەش كويزا قويۇلغان قارا بايراق كۆتەرگەن ئۈچ نامايىشچى بىخەتەرلىك چەمبىرىدىن ئۆتۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىيۇ چې نۇتۇق سۆزلەۋاتقان بىر پەيىتتە، ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقان ئىدى.

مەركىزى پارىژدىكى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، دۈشەنبە كۈنى، بىخەتەرلىك چەمبىرىدىن ئۆتۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىنى، بىر مەزگىل توختاتقان ئۈچ نامايىشچىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتىدا مۇراسىم جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.