بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن


2007.10.25

خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى، 25 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭدىكى ھاۋا پاسكىنىچىلىقى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرى مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئولىمپىكقا 10 ئاي قالغان بۇ كۈنلەردە، بېيجىڭنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى، بېيجىڭنىڭ ھاۋا پاكلىقىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە يەتمەيۋاتقانلىقىدۇر.

ب د ت نىڭ ئېكولوگىيىلىك پىلان كومىتېتى تەييارلىغان دوكلاتتا، بېيجىڭ ھاۋا تازىلاش ئىشىدا قەدىمى ئاستا دەپ تەنقىدلەنگەن ھەم بېيجىڭنىڭ ھاۋا كىرلىشىش نىسبىتىنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تۈنۈگۈن، بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تېخنىكىلىق لاياقەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، بېيجىڭنىڭ، ئولىمپىك تەييارلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھاۋا تازىلاشتا ئىلگىرىلەش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، " ھاۋا پاسكىنىچىلىقى چوڭ بىر مەسىلە" دەپ كۆرسەتكەن گۇرۇپپا باشلىقى ھاۋا تازىلىنىش ئەھۋالىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈپ ۋە كۆزىتىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ھاۋا پاكىزلىنىش بەلگىلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرى مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى جاككۇس روگگى ئەپەندى سۆزىدە، " تەنھەركەتچىلەرنىڭ مەيلى مەشق، مەيلى مۇسابىقە جەريانىدا بولسۇن ساپ ھاۋاغا ئېھتىياجى بارلىقى "نى بىلدۈرگەن، ئەمما ۋاقىت مەسىلىسى ئۈستىدە توختالمىغان. ب د ت ئېكولوگىيىلىك پلان كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەرىك فالت ئەپەندى سۆزىدە،" بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنى بۇزۇۋاتقان ئاساسىي سەۋەبلەر كۆمۈر يېقۇلغۇسىنى قوللانغان فابرىكىلارنىڭ كۆپلۈكى، جۇغراپىيىۋىي ئورۇن ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ كۆپلىكى" دەپ كۆرسەتكەن. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.