خىتاي ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرماقچى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ساياھەت ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېڭى بەلگىلىمە 2007- يىلى 1 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلماقچى. بەلگىلىمىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنى رۇخسەتسىز ساياھەت قىلىش ۋە ئاۋام پۇقرالار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى بېرىلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، يېڭى بەلگىلىمىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ "يەرلىك دائىرىلەردىن رۇخسەت ئېلىشقا ھاجىتى قالمايدىغانلىقىنى" بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارغا ئەركىن بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمە 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەمەلدىن قالىدىكەن. ليۇ جيەنچاۋ مۇخبىرلارغا مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن 2008 - يىلى 17 - ئۆكتەبىرگىچە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2006 - يىلى خىتاينى دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. (ئەركىن)