خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 2008 - يىل ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتتى
2008.03.05
خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رونالد نوبېل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئىچىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن، ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەملەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
رونالد نوبېل سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلەردىن رازى. لېكىن خىتاي ۋە رايوندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى جەريانىدا تېررور تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ناھايىتى ھوشيار بولۇشى كېرەك" دېگەن.
ئولىمپىك جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رونالد نوبېل، لېكىن ئېھتىياتچانلىق، كىشىنى بۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك تەييار تۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئەلقائىدە ۋە باشقا تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولالايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، قايسى تەشكىلات ۋە ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. لېكىن ئۆتكەن ئاي خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن تەھدىت دەپ كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دارفۇر مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى
- گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- " ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ "
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- بېيجىڭدا يەنە بىر ئادۋوكات قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىدى
- خىتاي ئۆكتىچىىسى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى









