سىچۈئەندىكى نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا بىر نامايىشچى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
2004.11.01
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى سىچۈئەن ئۆلكىسىنىڭ خەن يۈئەن ناھىيىسىدە ياسىلىۋاتقان پۇپۇگاۋ سۇ ئامبىرى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچىرىغان ئۈچ يېزا ئاھالىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا، بىر نامايىشچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى باشلانغان نارازىلىق نامايىشىغا 50000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، جۈمە كۈنى نامايشچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىر نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئون مىڭلىغان كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن.
خوڭ كوڭدا چىقىدىغان ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر خادىمى نامايشچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار ئاندىن نامايىشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، تارقىلىپ كېتىشنى قوبۇل قىلغان.
گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايشچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن تەكشۈرۈلمىگەنلىكى تىخى مەلۇم ئەمەس، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سۇ ئامبىرىنى قوغداش ئۈچۈن رايونغا قوشۇمچە ھەربىي قسىملارنى ئىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سۇ ئامبىرىنى ياساش ئۈچۈن 100000 كىشىنى رايوندىن كۆچۈرىدىكەن. لېكىن، رايوندىكى يېزا خەلقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆي-يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈلىدىغان كىشىلەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى بىر ھايات باشلىشغا يەتمەيدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي سوت دائىرىلىرى ئىش تاشلاشقا قاتناشقان بەش ئىشچىنى تۈرمىگە تاشلىدى
- بېيجىڭدا يۈزدىن ئارتۇق ياللانما ئىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالانغان
- ئەنخۈيدە ئون مىڭدىن ئارتۇق پىنسىيىگە چىققان ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي ساقچىلىرى چوڭچىڭدىكى توپىلاڭ مۇناسىۋىتى بىلەن 40 ئادەمنى قولغا ئالدى
- چوڭچىڭدىكى نامايىشتا كىشىلەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
- بىر خىتاي ئىشچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى
- شەنشىدە 10 مىڭدىن كۆپ ئىشچى ئىش تاشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىگە قارشى چىققان ئىككى كىشىنى تۈرمىگە تاشلىدى
- خىتاي ساقچىلرى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارنىڭ رەھبىرىنى قولغا ئالدى
- فۇجىيەن دېھقانلىرى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى