خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى رۇجۇ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىدە، توققۇز ئوقۇغۇچى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. پەيشەنبە كۈنى كېچىسى قولىغا پىچاق ئالغان بىر كىشى، خېنەندىكى رۇجۇ شەھەرلىك 2 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كىرىپ، ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ توققۇزىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈچىنى يارىلاندۇرغان. ۋەقەدىن كېيىن قاتىل نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
بەزى خەۋەرلەردە قاتىلنىڭ جۈمە كۈنى قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۇرۇلمەكتە.بۇ خىتايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 4 - قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ سەل ئالدىدا چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي خىتايدا 25 نەپەر ئۆسمۈر بالىنى پىچاقلىغان بىر خىتايغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، بۇ يىل 9 - ئايدا خىتايدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئامانلىق خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن رۇجۇ شەھىرى، خېنەننىڭ مەركىزى جېڭجۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كۆمۈرچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان 920 مىڭ نۇپۇسلۇق كىچىك بىر شەھەر. (ئەركىن)