خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىدا بۇ يىل يەنە رېكورت ياراتتى


2005.04.05

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى دۇنياۋى رېكورتىنى بۇ يىل يەنە ساقلاپ قالغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيا بويىچە 3797 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 3400 نەپىرى خىتايدا ئىجرا قىلىنغان. بۇنىڭ بويىچە ھېسابلىغاندا دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ھەر ئون ئادەمنىڭ توققۇزىنى جوڭگولۇقلار ئىگىلەيدىكەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مارك ئەللىسون، " خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ سانى كىشىنى چۆچىتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. بىراق، بۇ سان يەنىلا ئەمەلىيەتتىكى ساندىن كۆپ تۆۋەن ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ قارىغانلىقتىن، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقى سانىغا ئېرىشىش قىيىن ئىكەن.

2004 - يىلى 3 - ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى، خىتاي بويىچە ھەر يىلى 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتايدا تەن جازاسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىقرارنامىلار كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشتىكى پاكىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى. ئامما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا ھەر قايسى ئۆلكە- ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىلكىدىكى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى، ئالى سوتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.