گۇاڭدۇڭنىڭ شەنۋېي رايونىدا سەيشەنبە كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىلانغان بىر كىشى دوڭجيۇ دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇلماقتىكەن.
توقۇنۇش دوڭجيۇ يېزىدىكى پۇقرالارنىڭ شۇ جايدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان يەر - زىمىن داۋاسىدىن كېلىپ چىققان. ۋەقە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9 يېرىملاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇش يېزا پۇقرالىرىنىڭ دائىرلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتكەن ئۈچ نەپەر ۋەكىلى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن پارتلىغان.
پۇقرالار قولغا ئېلىنغان ۋەكىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا نامايىش قىلغان ئىكەن. يەرلىك پۇقرالارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، تەخمىنەن 400 - 500 دەك ساقچى دوڭجيۇ يېزىسىنى قورشىۋالغان. بەزى پۇقرالار 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شەنۋېينىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى رادىئومىز بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىپ، " ئەھۋالنى بىلمەيمەن " دەپ جاۋاپ بەردى. يەر - زىمىن ماجىراسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. (ئەركىن)