خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 50 تىن ئارتۇق ئالىملار ۋە زىيالىلار سەيشەنبە كۈنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، گۇاڭدوڭدىكى دوڭجۇ يېزىدا ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ۋە دائىرىلەرنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىش، ئۆلگەنلەرگە تۆلەم - تۆلەش ۋە جاۋاپكارلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئوچۇق خەتتە " بىز جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى ئاشكارە چۈشەندۈرۈش ۋە ئېنىقلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ توغرىداخەۋەر بېرىشىگە خەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىپلەيمىز،" دەيدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، دوڭجۇ يېزىسىدا 3 نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. دائىرىلەر نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك پۇقرالار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
شيەنۋېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۈشەنبە كۈنى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچىنى " ئۆزىنى قوغدىغان"، دەپ ئاقلىغان ئىدى. يەرلىك قاناللار دائىرىلەرنىڭ داۋاملىق ئادەم تۇتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئوچۇق خەتتە " دېموكراتىك ۋە ئەركىن ئاساسى قانۇن سېستىمىسى، ئوچۇق سىياسى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەنپەئەت توقۇنۇشلارنى ئاشكارە ئىپادىلەشكە يول قويۇلمىغىچە، خىتايدا بۇ خىل ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،" دەيدۇ.
ئوچۇق خەتكە ليۇ شياۋبو، دېڭ زىلىن قاتارلىق زاتلار ئىمزا قويغان بولۇپ، يەرلىك پۇقرالار ئۆلگەنلەرنىڭ 20 گە يېتىدىغانلىقىنى، دۈشەنبە كۈنى 9 پۇقرانىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ سان ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ساندىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، ۋەقەنى تيەنئەنمىن ۋەقەسى بىلەن سېلىشتۇرۇشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)