خىتاي مەتبۇئاتلىرى يەكشەنبە كۈنى يېقىندا دوڭجيۇ يېزىسىدا، مەزكۇر يېزا ئاھالىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا،خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئاھالىسى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن -6 دېكابىر كۈنى دوڭجيۇ يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. ئەمما يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 20 كىشىگە يېتىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە، ئەگەر دەرھال كۆيدۈرىۋىتىشكە ماقۇل دېسە، جەسەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى دوڭجيۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانىنى تۇتۇدىغانلىقىنى، يېزا ئاھالىسىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)