خىتاي ساقچىلىرى 63 ياشتىكى بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى

خىتاي ساقچىلىرى، خىتاينىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان پېڭدېڭشان شەھىرىدە، ساقچىلارنىڭ بىر سەي -كۆكتات بازىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدىكى مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان 63 ياشتىكى سۇن لۈيگەن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن.

مەركىزى ھوڭ كوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 10 ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئالتە خىتاي ساقچى، ساقچىلارنىڭ بازاردا جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقانلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان سۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ نەق مەيداندا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە سۇننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ساقچىلار تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 10 سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېڭدېڭشان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، لېكىن بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن بىرەر ساقچىغا جازا بېرىلىپ- بېرىلمىگەنلىكدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي مەتبۇئاتىدىمۇ يەر ئالغان بولۇپ، ئىككى خىتاي گېزىتىدە ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن. (قانات)