خىتاي مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى بىر ئەمەلدارغا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئاسار ئەتىقە ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى.

رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدﯤ شەھەرلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىغا قاراشلىق با مىياۋ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خەيتاۋ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 10 يىلدىن بۇيان 250 پارچىدىن كۆپ مەدەنىي يادىكارلىقنى ئوغرىلىغان، شۇنداقلا بۇ -1949يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاش ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن.

چېڭدﯤ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، لى خەيتاۋ ئوغرىلىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ قىممىتى 3 مىليون 8 يۈمىڭ يۇەن يەنى 460 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا خىتايدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرا قويغان ئىدى. خىتايدا 68 تۈرلۈك جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى زوراۋانسىز جىنايەتلەردۇر. مەسىلەن: ئەتكەسچىلىك، ساختا پۇل ياساش، مالىيە خىيانەتچىلىك جىنايىتى، قەدىمىي قەبرە يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش ۋە پاھىشلىققا سېلىش جىنايىتى قاتارلىقلار. (پەرىدە)