خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بەش مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى

باش شىتابى رومدىكى "ئۆلۈم جازاسىغا قارشى" كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەش مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سان ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىغا ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ٪ 90 ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، قاتىلدىن تارتىپ، ئوغرى ۋە ھەتتا بەزى زوراۋانلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزمىگەن جىنايەتچىلەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىدىكەن. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 16 ياشلاردا ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دىنىي ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى " بۆلگۈنچى" ۋە " تېررورچى" دىگەن ناملار بىلەن ئەيىپلەپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىمەكتە.

" ئۆلۈم جازاسىغا قارشى" كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتايدىن سىرت يەنە، ئىران، ئىراق، ۋېيتنام، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆلۈم جازاسىنى كۆپ قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)