بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى
2005.01.28
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش جەھەتتىكى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. "خەلق گېزىتى" تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شياڭتەن ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلەر پروفېسسورى چيۇ شىڭلوڭ، دۆلەت ۋە قانۇن جىنايەتچىلەرنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. پروفېسسور چيۇ شىڭلوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر قانۇن جىنايەتچىلەرنى ئىنسان دەپ تونىسا، ئۇنداقتا جىنايەتچىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى بولىدىكەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ رېنۋېن، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىتاينىڭ مەدەنىي جەمئىيەتكە ئۆزگۈرىشىدىكى بىردىن - بىر ئۆتكەل، دەپ تەكىتلىگەن. بىراق خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسىنىڭ يېقىن ئارىدا بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جۈن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى يولغا قويۇلسا، سوتچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىھتىمالى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاڭ جۈننىڭ ئاشكارلىشىچە، مەلۇم ساھەدىكى جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەدلىيە ئىسلاھاتىدىكى بىر خىل ئىھتىماللىقكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان مەھبۇسلارنىڭ سانى 10 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون ھېسابلىنىدىكەن. ش ئۇ ئا ر پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 50 سىياسى مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ يېڭى "ئەرزىيەت نىزامى" ئېلان قىلىندى
- خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭى بىر قارار ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بەش مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
- خىتاي يازغۇچىسى شىتاۋ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
- خىتايدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قاتىللىق ۋەقەسىدە توققۇز ئوقۇغۇچى ئۆلتۈرۈلدى
- سىچۈئەندىكى نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا بىر نامايىشچى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا رىفىراندۇم ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى