خىتاي زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
2005.06.27
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئاز دېگەندە 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. دائىرىلەر گۇيجۇدا زەھەرلىك چېكىملىك ساتقان 5 كىشىنى، چاڭشادا ئۈچىنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ئېتىپ تاشلىغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى مەملىكەت بويىچە 20 دىن ئارتۇق زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئاز دېگەندە 20 نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىنى سوتلاپ، بۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 224 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىك كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئەمما مەتبۇئاتلار مەزكۇر رايوندا شۇ كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار توغرىسىدا خەۋەر بەرمىدى.
مەركىزىدىكى رىمدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيا بويىچە 5476 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 5 مىڭى خىتايدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي 2004 - يىلدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىكى رېكورتىنى ساقلاپ قالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىدا بۇ يىل يەنە رېكورت ياراتتى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بەش مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
- خىتاي يازغۇچىسى شىتاۋ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى