خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالى سوت ئۆتكۈزۈۋالىدۇ


2005.09.27

يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى يەرلىك سوتلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى سوتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشياڭ، ئالى سوتنىڭ قارمىقىدا ئۆلۈم جازالىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان 3 كوللىگىيە قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەزى دائىرىلەر، ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالى سوت ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ 30 % ئازىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋەن ئېشياڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىر ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش جەريانىنىڭ بىتەرەپلىكى ۋە سىياسى ئورگانلارنىڭ ئارلىشىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار مىڭلارغا ۋە بەزى چاغلاردا ئون مىڭغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا يۇقىرى سوتنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئالى سوتنىڭ تەدبىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلمەيتتى.

ۋەن ئېشياڭ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى بويىچە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ئەسىردە كونا ئۇسۇل بويىچە جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى ھاياتى بىلەن تۆلىتىش كىشىلەرنى چوڭقۇر شۇبھىلەندۈرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى” دەيدۇ. ئەمما باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، بۇ يىل 3 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.