خىتاي ئالىي سوت مەھكىمە باشلىقى شياۋ ياڭ، ئۆلۈم جازاسىنى خاتا ئىجرا قىلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ سانىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئالىي سوت مەھكىمە باشلىقى شياۋ ياڭ بۇ سۆزلىرىنى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆلۈم جازاسىنى قىسقارتىش ياكى بولمىسا ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەكشۈرۈش سېستىما ئىسلاھاتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا بولۇپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر قىسىم ئىسلاھات تىزىسلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىنى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 1760 دىن كۆپ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ 700 دىن كۆپى ئېتىپ تاشلانغان. ئەمما ئەمەلىي سان خىتاي ئېلان قىلغان بۇ ساندىن خېلى جىق بولىشى مۇمكىن. (پەرىدە)