خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئەرزلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدۇ

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسىغا قايىل بولماي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ كېلەر يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسىغا قايىل بولماي " تالاش - تارتىش قوزغىغان زور" دېلولارنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قارارنى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئىجابىي باشلىنىش، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تېررورچىلىق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار دېلوسىنى ئۆز - ئىچىگە ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئەمەسكەن.

خىتاي قانۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دېلولارنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىشقا يول قويسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم دېلولارنىڭ ئەرزىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىققان. ئالىي سوت مەھكىمىسى كۆپ ھاللاردا ئۆلۈم جازاسىغا قايىل بولمىغان مەھبۇسلارنىڭ ئەرزىنى ئالىي سوتنىڭ " ئىچكىي قىسىمدا كۆرۈپ چىقىش" ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلاتتى. ئالىي سوتنىڭ يېڭى چىقارغان قارارى بويىچە كېلەر يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ بۇ خىل سوتلار پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. (ئەركىن)