خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئايال ئەمەلدارى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2005.12.16
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك بىر ئايال ئەمەلدارى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خەن گۇيجى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
خەن گۇيجى، تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1992 -يىلدىن 2002 - يىلغىچە 7 مىليون يۈئەن پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلغان. خەن گۇيجى، ئەينى چاغدا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆلكىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىدى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 69 مىليون ئەزاسى ئىچىدە ئاياللار 18 % نى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما سىياسى بىيۇرونىڭ 9 كىشىلىك دائىمىي ئەزالىرى ئىچىدە ئاياللار يوق. خەن گۇيجى، خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىيانەتچىلىك قىلىش، پارا ئېلىش بىلەن سوتلانغان ئۆلكە دەرىجىلىك بىردىن بىر ئەمەلدار ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىمۇ، نۆۋەتتە لەنجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن گەنسۇدا سوتلانماقتا. سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ھۆكۈمى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئامان ھاجىنىڭ نېمە ئۈچۈن گەنسۇدا سوتلانغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئامان ھاجىنى ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ قۇربانى، دەپ قارايدىكەن. بۇ كۆز قاراشتىكىلەر، چۈنكى ئۇ ۋاڭ لېچۈئەننىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. خەن گۇيجى بىلەن بىرگە خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق ئۆلكە باشلىقى تيەن فېڭشەنمۇ سوتلانغان ، ئۇنىڭ سوتى سەيشەنبە كۈنى باشلاندى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئەرزلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدۇ
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى
- خەلقئارا تەشكىلات: چىرىكلىك نامراتلىققا سەۋەب بولماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پىڭ مىڭگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى