ليۇ رېنۋېن: خىتايدا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 8 مىڭ ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
2006.03.03
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ رېنۋېن يېقىندا خىتاي بويىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 8 مىڭ مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ رېنۋېن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دوكلاتى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى بويىچەچىقارغان خۇلاسىسىگە ئاساسەن "مېنىڭچە بىر يىلدا 8 مىڭ ئادەم ئېتىپ تاشلىنىدۇ. بىراق بۇ مېنىڭ پەرىزىم. بۇ توغرا بولماسلىقىمۇ مۈمكىن " دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ سان خىتايدىن باشقا دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى يولغا قويۇلغان بارلىق دۆلەتلەردە بۇ بىر يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئومۇمى سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرى بىلەن تەرەپسىز مەنبەلەر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا زور پەرقلەر مەۋجۇت.
ئۆتكەن يىلى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى يىلدا 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ليۇ رېنۋېن ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇش ھەرىكىتىنى "مېنىڭچە بۇ ئەخمەقانە بىر ئۇسۇل " دەپ تەنقىد قىلدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بويىچە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ سانى ئازايغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدە ئۆزىنى بىخەتەر، دەپ قارايدىغان كىشىلەر سانى ئازايغان.
جۇڭگودا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ۋە ئۆلۈم جازالىرى بىر قەدەر كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان بىردىن بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا بىر مىنىستىر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئايال ئەمەلدارى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئەرزلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدۇ
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ب د ت ئەلچىسى خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ